لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرگە بۈگۈنگىچە چۈشەنگۈدەك كۆڭۈل، كۆرگۈدەك كۆز ۋە ئاڭلىغۇدەك قۇلاق بەرمىدى.
TSK
TSK · ماركۇس 4:12
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
بۇ [كىشىلەر] ھېچ بىلمەيدۇ، ھېچ چۈشەنمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارنى كۆرمىسۇن دەپ كۆزلىرىنى، ئۇلارنى چۈشەنمىسۇن دەپ كۆڭلىنى سۇۋاق بىلەن سۇۋىۋەتكەن.
مەن دەرۋەقە ئەفرائىمنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئۆكۈنۈپ: «سەن بىزگە شاش تورپاققا تەربىيە بەرگەندەك ساۋاق-تەربىيە بەردىڭ؛ ئەمدى بىزنى توۋا قىلدۇرغايسەن، بىز شۇنىڭ بىلەن توۋا قىلىپ قايتىپ كېلىمىز، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدۇرسەن؛
ھەم رەزىل ئادەم ئۆتكۈزگەن رەزىللىكىدىن يېنىپ توۋا قىلىپ، ئادىللىق ھەم ئادالەت يۈرگۈزىدىغان بولسا، ئۇ ئۆز جېنىنى ھايات ساقلايدۇ.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرىنى بىلىش سىلەرگە نېسىپ قىلىندى. بىراق بۇ ئىشلار قالغان باشقىلارغا تەمسىللەر بىلەنلا ئېيتىلىدۇ. مەقسىتى شۇكى، «ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ».
شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھىڭلارنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشى ئۈچۈن ھازىر توۋا قىلىپ يوللىرىڭلاردىن بۇرۇلۇڭلار! شۇنداق قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ جېنىنى يېڭىلاندۇرىدىغان پەسىل-كۈنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كېلىدۇ
خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: ــ «خۇدا ئۇلارنىڭ روھ-قەلبىنى غەپلەتكە سالدى، بۈگۈنگە قەدەر كۆزلىرىنى كۆرمەس، قۇلاقلىرىنى ئاڭلىماس قىلدى».