ئۇ [يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا] بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، مانا بىر ھۆكۈمدار كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باش ئۇرۇپ: ــ مېنىڭ قىزىم ھازىرلا ئۆلۈپ كەتتى؛ ئەمما سىز بېرىپ ئۇنىڭغا قولىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ تىرىلىدۇ، دېدى.
TSK
TSK · ماركۇس 5:22
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن بەزىلەر بەزىلەر كېلىپ ئۇنىڭغا: قىزىڭىز ئۆلدى. ئەمدى ئۇستازنى نېمىشقا يەنە ئاۋارە قىلىسىز؟! ــ دېيىشتى.
سىمون پېترۇس بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئەيسانىڭ تىزلىرى ئالدىدا يىقىلىپ: ــ مەندىن يىراقلاشقايسەن، ئى رەب! چۈنكى مەن گۇناھكارمەن! ــ دېدى.
ۋە مانا، بىر كىشى، سىناگوگنىڭ چوڭى بولغان يائىرۇس ئىسىملىك كىشىمۇ ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنى ئۆتۈندى.
پېترۇس ئۆيگە كىرگەندە، كورنىلىي ئالدىغا چىقىپ، ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ سەجدە قىلدى.
ئەمدى سىناگوگنىڭ چوڭى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەبگە ئېتىقاد قىلدى. نۇرغۇن كورىنتلىقلارمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئېتىقاد قىلىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.
بۇلارنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى مەن يۇھاننامەن. بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغىنىمدا ۋە كۆرگىنىمدە، بۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن پەرىشتىگە سەجدە قىلغىلى ئايىغى ئالدىغا يىقىلدىم.