TSK

TSK · ماركۇس 7:37

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئاندىن مۇسا پەرۋەردىگارغا: ــ ئەي ئىگەم، مەن ئەسلىدىنلا گەپكە ئۇستا ئەمەستىم، سەن قۇلۇڭغا سۆز قىلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا شۇنداق؛ چۈنكى مەن ئاغزىم كالۋا ۋە تىلىم ئېغىر ئادەممەن، ــ دېدى.

خالايىق ھەممىسى بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، ئۆزئارا غۇلغۇلا قىلىشىپ: ــ بۇ قانداق ئىش؟ يېڭى بىر تەلىمغۇ! چۈنكى ئۇ ھوقۇق بىلەن ھەتتا ناپاك روھلارغىمۇ بۇيرۇق قىلالايدىكەن، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، ــ دېيىشتى.

ئۇلارنى ئىنتايىن زور بىر قورقۇنچ باستى، ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ ھەتتا شامال ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى.

ئۇ كېمىگە، ئۇلارنىڭ يېنىغا چىققاندىلا، شامال توختىدى. ئۇلار بۇنىڭدىن ھوشىدىن كەتكۈدەك دەرىجىدە قاتتىق ھەيران قېلىشىپ، نېمىنى ئويلاشنى بىلمەيتتى؛

لېكىن پاۋلۇسنىڭ بۇ ئىشىنى كۆرگەن توپ-توپ ئادەملەر لىكاۋۇنيا تىلى بىلەن: ــ ئىلاھلار ئىنسان قىياپىتىگە كىرىپ ئارىمىزغا چۈشۈپتۇ! ــ دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى.