TSK

TSK · يۇھاننا «1» 5:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

سىلەر يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئوخشاش بۇتقا چوقۇنىدىغانلاردىن بولماڭلار؛ بۇلار توغرۇلۇق: «خەلق يەپ-ئىچىشكە ئولتۇردى، ئاندىن كەيپ-ساپاغا تۇردى» دەپ پۈتۈلگەن.  

خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ بۇتلار بىلەن قانداق بىرلىكى بولسۇن؟ چۈنكى سىلەر تىرىك خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر ــ خۇدانىڭ: «مەن ئۇلاردا تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن؛ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن ۋە ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ» دېگىنىدەك [سىلەر ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر]»؛   

ئى ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەرنى گۇناھ سادىر قىلمىسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى يېزىۋاتىمەن. مۇبادا بىرسى گۇناھ سادىر قىلسا، ئاتىنىڭ يېنىدا بىر ياردەمچى ۋەكىلىمىز، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ئەيسا مەسىھ باردۇر.  

ئۇ ئاۋۋالقى دىۋىگە ۋاكالىتەن كۆرسىتىشكە ھوقۇقلاندۇرۇلغان ئالامەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارغا «قىلىچ بىلەن يارىلانغان، لېكىن تىرىك قالغان» دېگەن ئاۋۋالقى دىۋىگە ئاتاپ بىر بۇت-ھەيكەل ياساپ تىكلەشنى تاپىلىدى.