ــ ئى جېنىم، سەن تېنىمدە نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق مەيۈسلىنىپ كەتتىڭ؟ خۇداغا ئۈمىد باغلا؛ چۈنكى ئۇنىڭ جامالىدىن چىققان نىجاتلىقتىن، مەن ئۇنى يەنىلا ئۇلۇغلايمەن، ــ مېنىڭ خۇدايىمنى!
TSK
TSK · پېترۇس «1» 1:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
پەرۋەردىگارغا تايانغان، پەرۋەردىگارنى تايانچ قىلغان ئادەم بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ!
چۈنكى خۇدا ئەۋەتكىنى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلەيدۇ؛ چۈنكى خۇدا روھنى [ئۇنىڭغا] ئۆلچەم بىلەن كەملەپ بەرمەس.
بىراق ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: ــ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ماڭىلا ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئېتىقاد قىلغۇچىدۇر.
كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلماڭلار! خۇداغا ئىشىنىسىلەر، ماڭىمۇ ئىشىنىڭلار.
ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئەرشكە تىكىپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتا، ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى؛ سەن ئوغلۇڭنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن؛ بۇنىڭ بىلەن ئوغلۇڭمۇ سېنى ئۇلۇغلاتقۇزىدۇ؛
خۇدا دەل بۇ ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى، ۋە ھەممىمىز بۇ ئىشنىڭ گۇۋاھچىلىرىمىز.
شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى، بىز مانا بۇنىڭغا گۇۋاھچىدۇرمىز.
شۇنىڭ بىلەن مەسىھنى ئاۋۋال تايانچ قىلغان بىزلەر ئۇنىڭ شان-شەرپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغۇچى بولدۇق؛
دەل شۇ قۇدرەتنى ئۇ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزغىنىدا ئۇنىڭدا يۈرگۈزگەنىدى؛
چۈنكى خۇدا ئۇلارغا ئەللەر ئارىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان بۇ سىرنىڭ شەرەپلىك بايلىقلىرىنى بىلدۈرۈشنى خالىدى؛ بۇ سىر بولسا شان-شەرەپكە ئېلىپ بارغۇچى ئۈمىد بولغان، سىلەردە تۇرۇۋاتقان مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر.
لېكىن بىز ئۈچۈن پەرىشتىلەردىن «ئازغىنە ۋاقىت تۆۋەن قىلىنغان»، ئۆلۈم ئازابلىرىنى تارتقانلىقى ئۈچۈن ھازىر شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجى كىيدۈرۈلگەن ئەيسانى كۆرگۈچى بولدۇق؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىدى.
شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىر؛ چۈنكى ئۇ ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەڭگۈ ھاياتتۇر.
(مەسىھ [تىرىلىپ] ئەرشكە چىقىپ، پەرىشتىلەر، بارلىق روھىي ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا بوسۇندۇرۇلدى ۋە ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرماقتا).