TSK

TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 7:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

مەن ئۇلارنى ۋابا بىلەن ئۇرۇپ يوقىتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئۇلاردىن تېخىمۇ چوڭ ۋە قۇدرەتلىك بىر ئەل قىلىمەن، — دېدى.

بولمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، يامغۇر ياغماسلىقى ئۈچۈن ئاسمانلارنى ئېتىۋېتىپ يامغۇر ياغدۇرمايدۇ، تۇپراق مەھسۇلاتلىرىنى بەرمەيدۇ ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان مۇنبەت زېمىندىن يوقىتىلىسىلەر.

ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن ئاسمان ئېتىلىپ يامغۇر ياغمايدىغان قىلىۋېتىلگەن بولسا، لېكىن ئۇلار بۇ جايغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلىپ نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، سېنىڭ ئۇلارنى قىيىنچىلىققا سالغىنىڭ تۈپەيلىدىن ئۆز گۇناھىدىن يېنىپ توۋا قىلسا،

ئۇ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئادەمنى قامىسا، ئۇنى سوراققا چاقىرسا، كىممۇ ئۇنى توسالىسۇن؟

ئۇ بىر سۆز قىلىشى بىلەنلا، چېكەتكىلەر كەلدى، سانسىز يۇتقۇر ھاشارەتلەر مىژىلداپ،

ياكى بولمىسا مەن شۇ زېمىنغا ۋابا كېسىلىنى چۈشۈرۇپ، ئۆز قەھرىمنى قان تۆكتۈرۇلۈشى بىلەن ئۈستىگە تۆكسەم، ئۇنىڭدىن ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋەتكەن بولسام،

ۋە مەن سىلەرگە چېكەتكىلەر، چېكەتكە لىچىنكىلىرى، «ۋەيرانچى قۇرت»لار، «چىشلىگۈچى قۇرت»لار، يەنى مەن ئاراڭلارغا ئەۋەتكەن ئۇلۇغ قوشۇنۇم يېگەن يىللارنى قايتۇرۇپ بېرىمەن؛

ــ فىلادېلفىيەدىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «مۇقەددەس ۋە ھەقىقىي بولغۇچى، شۇنداقلا داۋۇتنىڭ ئاچقۇچىغا ئىگە بولغۇچى، ئاچسام ھېچكىم ياپالمايدۇ، ياپسام ھېچكىم ئاچالمايدۇ دېگۈچى مۇنۇ ئىشلارنى دەيدۇ: