TSK

TSK · سامۇئىل «2» 15:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

لېكىن داۋۇت يەنە قەسەم قىلىپ: ــ ئاتاڭ سېنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقىنىمنى جەزمەن بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ كۆڭلىدە: ــ يوناتان بۇنى بىلىپ قالمىسۇن؛ بولمىسا ئۇنىڭغا ئازار بولىدۇ، دېگەندۇ. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، جېنىڭ ۋە ھاياتىڭ بىلەن ئالدىڭدا قەسەم قىلىمەنكى، ماڭا ئۆلۈمنىڭ ئارىلىقى بىر قەدەملا قالدى، دېدى.

ئىلىياس ئېلىشاغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، بۇ يەردە قالغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى بەيت-ئەلگە ماڭغۇزدى. ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەيت-ئەلگە چۈشۈپ كەلدى.

ئىلىياس ئېلىشاغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇ يەردە قالغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئىئوردان دەرياسىغا ماڭغۇزدى، دېدى. ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى مېڭىۋەردى.

[ھەقىقىي] دوست ھەردائىم ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتەر، [ھەقىقىي] قېرىنداش يامان كۈنۈڭ ئۈچۈن ياردەمگە دۇنياغا كەلگەندۇر.

شۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سەن قەيەرگە بارساڭ، مەنمۇ ساڭا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىمەن، ــ دېدى.

بارناباس يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جان-دىلىدىن قەتئىيلىك بىلەن رەبگە چىڭ باغلىنىشقا رىغبەتلەندۈردى.   

مۇشۇلارنى دەپ، سىلەرنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك، سىلەر قەلبىمىزدىدۇرسىلەركى، بىز سىلەر بىلەن بىللە ئۆلۈشكە، سىلەر بىلەن بىللە ياشاشقا تەييارمىز.