سەن پەرۋەردىگار ساڭا تاپشۇرغان بارلىق خەلقلەرنى يوقىتىشىڭ كېرەك؛ سەن ئۇلارنى كۆرگەندە، ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلماسلىقىڭ كېرەك، سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرمەسلىكىڭ كېرەك؛ ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، بۇ ئىش ساڭا قىلتاق بولىدۇ.
TSK
TSK · سامۇئىل «2» 21:2
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇنداق قىلىپ، يەشۇئا ئۇلار بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، ئۇلارنى تىرىك قويۇشقا ئۇلار بىلەن ئەھد باغلىدى؛ جامائەت ئەمىرلىرىمۇ ئۇلارغا قەسەم قىلىپ بەردى.
ئۇ ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تىرىك تۇتتى، ئەمما بارلىق خەلقنى قىلىچ بىسى بىلەن پۈتۈنلەي يوقاتتى.
لېكىن يەھۇ پۈتۈن قەلبىدىن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس قانۇنىدا مېڭىشقا كۆڭۈل بۆلمىدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن نېرى تۇرمىدى.
ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ياقۇپ بىلەن يۇھاننا بۇ ئىشنى كۆرۈپ: ــ ئى رەب، ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن ئىلىياس پەيغەمبەردەك ئاسماندىن ئوت يېغىشىنى چىقىرىشىمىزنى خالامسەن؟ ــ دېدى.
چۈنكى شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلارنىڭ خۇداغا ھەقىقەتەنمۇ قىزغىن ئىنتىلىشى بار، بىراق ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشى ھەقىقىي بىلىم ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس.