TSK

TSK · سامۇئىل «2» 21:6

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرەۋن سېنىڭ بېشىڭنى كېسىپ، جەسىتىڭنى دەرەخكە ئاسىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇچارقاناتلار كېلىپ گۆشۈڭنى يەيدىكەن، ــ دېدى.

پەرۋەردىگار مۇساغا: — پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى ئىسرائ‍ىللارغا چۈشمىسۇن ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى مېنىڭ ئالدىمدا ئاپتاپتا ئېسىپ قويغىن، — دېدى.

ئايىنىڭ پادىشاھىنى بولسا، ئۇ بىر دەرەخقە ئاستۇرۇپ، ئۇ يەردە كەچكىچە تۇرغۇزدى. كۈن پاتقاندا يەشۇئا ئەمر قىلىۋىدى، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئۇنى شەھەرنىڭ قوۋۇقىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ، ئۈستىگە چوڭ بىر دۆۋە تاشنى دۆۋىلىۋەتتى؛ بۇ تاش دۆۋىسى بۈگۈنگىچە تۇرماقتا.

ــ ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا مەن يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەمنى ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنى مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە ئەمىر بولۇشقا مەسىھ قىلغىن. ئۇ مېنىڭ خەلقىمنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ. چۈنكى مېنىڭ خەلقىمنىڭ پەريادى ماڭا يەتكىنى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىلتىپات بىلەن قارىدىم، ــ دېدى.

سامۇئىل بارلىق خەلققە: ــ ئەمدى پەرۋەردىگار تاللىغان كىشىگە قاراڭلار! دەرۋەقە بارلىق خەلقنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا يېتىدىغان بىرسى يوقتۇر، دېدى. ۋە خەلقنىڭ ھەممىسى: ــ پادىشاھ ياشىسۇن! ــ دەپ توۋلاشتى.

ئەمدى ئەلچىلەر سائۇلنىڭ شەھىرى گىبېئاھغا كېلىپ مۇشۇ سۆزلەرنى خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى؛ ھەممە خەلق پەرياد كۆتۈرۈپ يىغىلدى.

ئاھىتوفەل ئۆز مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئېشىكىنى توقۇپ، ئۆز شەھىرىدىكى ئۆيىگە بېرىپ، ئۆيىدىكىلەرگە ۋەسىيەت تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئېسىلىپ ئۆلىۋالدى. ئۇ ئۆز ئاتىسىنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلىندى.

ــ ئۇلارنىڭ يولباشچىسى ئاخىئېزەر، ئاندىن قالسا يوئاش بولۇپ، ئىككىسى گىبېئاھلىق شېمائاھنىڭ ئوغلى ئىدى؛ يەنە ئازماۋەتنىڭ ئوغلى يەزىيەل بىلەن پەلەتمۇ؛ يەنە بەراكاھ بىلەن ئاناتوتلۇق يەھۇ،

بۇ ئون ئادەم ھاممىداتانىڭ نەۋرىسى، يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى بولغان ھاماننىڭ ئوغلى ئىدى؛ لېكىن ئۇلار ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشقا قول سالمىدى.

يەھۇدا كۆمۈش تەڭگىلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىگە چۆرىۋەتتى ۋە ئۇ يەردىن كېتىپ، تالاغا چىقىپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى.