TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شۇڭا مەن ئۈستۈڭلارغا، يەنى ھەربىرىڭلارنى ئۆز يوللىرىڭلار بويىچە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. قايتىپ يېنىمغا كېلىڭلار، بارلىق ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن قەبىھلىك سىلەرگە قىلتاق بولمايدۇ.

شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا: «توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» ــ دەپ جار قىلىشقا باشلىدى.

مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر.

مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن ئەرشتە زور خۇرسەنلىك بولىدۇ؛ بۇ خۇرسەنلىك توۋىغا موھتاج بولمىغان توقسان توققۇز ھەققانىي كىشىدىن بولغان خۇرسەنلىكتىن كۆپ ئارتۇقتۇر.

ئاندىن ئۇنىڭ نامى بىلەن «توۋا قىلىڭلار، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈمىگە مۇيەسسەر بولۇڭلار» دېگەن خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ بارلىق ئەللەرگە جاكارلىنىدۇ.

ئوغۇلغا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. لېكىن ئوغۇلغا ئىتائەت قىلمىغۇچى ھاياتنى ھېچ كۆرمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ غەزىپى شۇنداقلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ.

پېترۇس ئۇلارغا: ــ توۋا قىلىڭلار، ھەربىرىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە شۇنداق قىلساڭلار خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بولغان مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھىڭلارنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشى ئۈچۈن ھازىر توۋا قىلىپ يوللىرىڭلاردىن بۇرۇلۇڭلار! شۇنداق قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ جېنىنى يېڭىلاندۇرىدىغان پەسىل-كۈنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كېلىدۇ

بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ھەركىم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسا ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

ئەمدى شۇڭا سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئى قېرىنداشلار، ھازىر گۇناھلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىش يولى دەل شۇ كىشى ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلىنىۋاتىدۇ.   

شۇڭا خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردىكىلەرنىڭ شۇنداق غەپلەتلىك ۋاقىتلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغىنى بىلەن، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ھەممىلا يەردە پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا ئەمر قىلماقتا!

بۇ ئىش ئەفەسۇس شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەرگىمۇ مەلۇم بولۇپ، قورقۇنچ ھەممىسىنى باستى ۋە رەب ئەيسانىڭ نامى ئۇلۇغلاندى.

بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ۋالىي فېلىكس ئايالى درۇسىلا بىلەن بىللە كەلدى (درۇسىلا يەھۇدىي ئىدى). ئۇ پاۋلۇسنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش يولى توغرۇلۇق ئاڭلىدى.

بەلكى ئالدى بىلەن دەمەشق خەلقىگە، ئاندىن يېرۇسالېم شەھىرىدىكىلەرگە، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەرگە ھەمدە يات ئەللىكلەرگىمۇ، «توۋا قىلىپ، خۇداغا باغلىنىڭلار، شۇنداقلا توۋا قىلىشقا ئۇيغۇن ئەمەللەرنى كۆرسىتىڭلار» دەپ جاكارلاپ خەۋەر يەتكۈزۈپ كەلدىم.

مەن ھەرقانداق ئادەملەرگە، مەيلى يۇنانلىقلار ۋە يات تائىپىلەرگە، دانىشمەن ۋە نادانلارغا بولسۇن، ھەممىسىگە قەرزدارمەن.   

ياكى خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنىڭ سېنى توۋا قىلىش يولىغا باشلايدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەي، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، كەڭ قورساقلىقى ۋە سەۋر-تاقىتىنىڭ موللۇقىغا سەل قاراۋاتامسەن؟

دېمەك، «ئەيسانىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئاغزىڭ بىلەن ئېتىراپ قىلساڭ ۋە قەلبىڭدە خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە ئىشەنسەڭ، قۇتقۇزۇلىسەن»!

چۈنكى خۇدانىڭ يولىدا بولغان ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدىغان نىجاتقا باشلايدىغان توۋىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ئەمما بۇ دۇنيادىكى ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.

مەن مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلەنگەنمەن، لېكىن مانا، ياشاۋاتىمەن! لېكىن ياشاۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى مەندە تۇرۇۋاتقان مەسىھدۇر. ۋە مېنىڭ ھازىر ئەتلىرىمدە ياشاۋاتقان ھايات بولسا، مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىدىندۇر.   

شۇنىڭ بىلەن، سىلەرنىڭ رەب ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن تارتىپ،   

شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا ئۇ خۇدا بەلكىم ئۇلارغا ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىگە توۋا قىلىدىغان قەلبنى بېرەر دەپ، مۆمىن-مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلسۇن؛   

ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ھەربىر كىشى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ؛ ۋە تۇغدۇرغۇچى [ئاتىنى] سۆيىدىغان ھەربىر كىشى ئۇنىڭدىن تۇغۇلغۇچىنىمۇ سۆيىدۇ.  

گۇۋاھلىق دەل شۇدۇركى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى ۋە بۇ ھاياتلىق ئۇنىڭ ئوغلىدىدۇر.