TSK

TSK · دانىيال 1:3

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئوغۇل ۋە قىز پەرزەنت كۆرسەڭمۇ، لېكىن ئۇلار يېنىڭدا تۇرمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ.

ــ ھەمدە بابىللىقلار ئوغۇللىرىڭنى، يەنى ئۆزۈڭدىن بولغان ئەۋلادلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ئاغۋات بولىدۇ.

ــ مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ئورداڭدا بار نەرسىلەر ۋە بۈگۈنگە قەدەر ئاتا-بوۋىلىرىڭ توپلاپ، ساقلاپ قويغان ھەممە نەرسە بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ھېچنەرسە قالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،

ئەمدى يەتتىنچى ئايدا شۇنداق بولدىكى، شاھزادە، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ باش ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئون ئادەم ئېلىپ مىزپاھغا، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇلار شۇ يەردە، يەنى مىزپاھدا نان ئوشتۇپ غىزالانغاندا،