TSK

TSK · دانىيال 2:41

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇنىڭدىن كېيىن كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە قاراپ تۇرغىنىمدا، مانا تۆتىنچى بىر مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، دەھشەتلىك ۋە ئاجايىب كۈچلۈك ئىدى. ئۇ يوغان تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئوۋنى چايناپ ئېزىپ يۇتۇپ، قالدۇقىنى پۇتلىرى بىلەن دەسسەپ-چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى بارلىق مەخلۇققا ئوخشىمايتتى؛ ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى.

ئاندىن ئەرشتە يەنە بىر ئالامەت كۆرۈندى ــ مانا، يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار بولغان چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا تۇراتتى.

سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ئون پادىشاھدۇر. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقلىرى تېخى يوق، ئەمدى ئۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ.