TSK

TSK · دانىيال 2:48

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئاخىرىدا پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ مانا، مەن سېنى پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە تەيىنلىدىم، ــ دېدى.

ئۇلار بالائامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — «زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق مۇنداق دەيدۇ: — «ھېچنېمە سىلىنىڭ يېنىمغا كېلىشلىرىنى توسۇمىغاي؛

ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرىگە: ــ چىقىۋاتقان بۇ ئادەمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئۇ ئىسرائىلغا ھاقارەت قىلىش ئۈچۈن چىقىدۇ. شۇنداق بولىدۇكى، ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمگە پادىشاھ كۆپ مال-مۈلۈك ئىنئام قىلىدۇ، ئۆز قىزىنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بېرىدۇ ھەم ئاتىسىنىڭ جەمەتىنى ئىسرائىل تەۋەسىدە باج-ئالۋاندىن خالاس قىلىدۇ، دېدى.

ئەمدى بارزىللاي خېلى ياشانغان بىر ئادەم بولۇپ، سەكسەن ياشقا كىرگەنىدى. پادىشاھ ماھانائىمدا تۇرغان ۋاقىتتا، ئۇنى قامدىغان دەل مۇشۇ ئادەم ئىدى؛ چۈنكى ئۇ خېلى كاتتا بىر كىشى ئىدى.

ئۇنىڭ يەتتە مىڭ قوي، ئۈچ مىڭ تۆگە، بەش يۈز جۈپ كالا، بەش يۈز مادا ئېشەك قاتارلىق مال-مۈلكى بار ئىدى. ئۇنىڭ مالايلىرى بەك كۆپ ئىدى؛ ئۇ شەرقلىقلەر ئىچىدە ھەممىدىن ئۇلۇغ ئىدى.

لېكىن چۈشۈمنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلىسەڭلار مەندىن سوۋغاتلار، ئىنئاملار ۋە ئالىي ئىززەتتىن مۇيەسسەر بولىسىلەر. ئەمدى چۈشۈمنى ئېيتىڭلار، تەبىر بېرىڭلار! ــ دېدى.

سىلى بابىل ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن بىرنەچچە يەھۇدىي، يەنى شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولار بار؛ ئى ئالىيلىرى، بۇ ئادەملەر سىلىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىدە بولمىدى ياكى پادىشاھ ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگىمۇ سەجدە قىلمايدۇ، ــ دېدى.

بابىلدىكى بارلىق دانىشمەنلەرنى ئالدىمغا چاقىرىشقا پەرمان بېرىپ، ئۇلارنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بېرىشىنى بۇيرۇدىم.

پادىشاھ قاتتىق ۋارقىراپ، پىر-ئۇستازلار، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملارنى چاقىرىشنى بۇيرۇدى. بابىلدىكى دانىشمەنلەر كەلگەن ھامان پادىشاھ ئۇلارغا: ــ كىمكى تامدىكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ مەنىسىنى ماڭا دەپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيگۈزۈلۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىلىپ، پادىشاھلىقتا ئۈچىنچى مەرتىۋە بېرىلىدۇ، ــ دېدى.

بىراق سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانمەنكى، سەن سىرلارنى چۈشەندۈرەلەيدىكەنسەن ۋە تۈگۈنلەرنى يېشەلەيدىكەنسەن. ئەگەر بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسەڭ، ساڭا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيگۈزۈلىدۇ، بوينۇڭغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىلىدۇ، پادىشاھلىقتا ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەرتىۋىگە ئېرىشىسەن، ــ دېدى.

پادىشاھ دارىئۇس پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن بىر يۈز يىگىرمە ۋەزىرنى ھەرقايسى يۇرتلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەشنى مۇۋاپىق كۆردى.