TSK

TSK · دانىيال 4:2

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئاقانغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا شان-شەرەپنى قايتۇرۇپ بېرىپ، [ئۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن] قىلغانلىرىڭنى ئىقرار قىلغىن؛ مەندىن ھېچنېمىنى يوشۇرماي، قىلغىنىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتقىن، دېدى.

قان تۆكۈش گۇناھىدىن مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، ئى خۇدا، ماڭا نىجاتلىق بەرگۈچى خۇدا، شۇنىڭ بىلەن تىلىم ھەققانىيلىقىڭنى ياڭرىتىپ كۈيلەيدۇ.

خۇدادىن ئەيمىنگۈچى ھەممىڭلار، كېلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار! ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان كارامەتلىرىنى بايان قىلىمەن؛

شابات كۈنى ئۈچۈن بىر كۈي-ناخشا: ــ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىش، نامىڭنى كۈيلەش ئەلادۇر، ئى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى!

شۇنىڭ بىلەن نېبوقادنەسار دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمداننىڭ ئاغزىغا يېقىن كېلىپ: ــ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو! ھەممىدىن ئالىي ئىلاھنىڭ قۇللىرى، چىقىڭلار، ماياققا كېلىڭلار! ــ دەپ توۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگو ئوتتىن چىقتى.