TSK

TSK · دانىيال 4:7

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئەتىسى ئۇنىڭ كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولۇپ، مىسىردىكى ھەممە پالچى-جادۇگەرلەر بىلەن بارلىق دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ كەلدى. پىرەۋن ئۆز چۈشىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى؛ لېكىن ھېچكىم پىرەۋنگە چۈشلەرنىڭ تەبىرىنى دەپ بېرەلمىدى.

ــ سىلەر بولساڭلار، «بابىل پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا ھېچ بولمايسىلەر» دېگەن پەيغەمبەرلىرىڭلارغا، پالچىلىرىڭلارغا، چۈش كۆرگۈچىلىرىڭلارغا، رەم ئاچقۇچىلىرىڭلارغا ياكى جادۇگەرلىرىڭلارغا قۇلاق سالماڭلار؛

نېبوقادنەسار تەختكە ئولتۇرۇپ ئىككىنچى يىلى، بىرنەچچە چۈش كۆردى؛ ئۇنىڭ روھى پاراكەندە بولۇپ، ئۇيقۇسى قاچتى.

كالدىيلەر پادىشاھقا جاۋابەن: ــ دۇنيادا ئالىيلىرىنىڭ سورىغان ئىشىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان ھېچبىر ئادەم يوقتۇر. ھېچقانداق پادىشاھ، ئۇنىڭ قانداق ئۇلۇغ ياكى كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز ياكى كالدىي مۇنەججىملەرگە مۇنداق تەلەپنى قويغان ئەمەس.

ئەمدى ياننىس بىلەن يامبرىس مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ [ئازدۇرغۇچىلارمۇ] ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ. ئۇلار زېھىن-كۆڭۈللىرى چىرىگەن، ئېتىقاد جەھەتتە داشقال دەپ ئىسپاتلانغان كىشىلەردۇر.