TSK

TSK · دانىيال 6:3

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

بۇ ئىشنى ئادا قىلماي قېلىشتىن پەخەس بولۇڭلار؛ پادىشاھلارغا زىيان كەلتۈرىدىغان ئاپەت نېمىشقا كۈچىيىۋېرىدىكەن؟».

چۈنكى يەھۇدىي موردىكاينىڭ مەرتىۋىسى پادىشاھ ئاھاشۋېروشتىن كېيىنلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى؛ ئۇ دائىم ئۆز خەلق-مىللىتىنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، بارلىق نەسلىدىكىلەرگە ئامان-ئېسەنلىك تىلەك سۆزلىرىنى قىلاتتى، يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا زور ئىززەت-ھۆرمەت تېپىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنىدى.

بىلىمى بار كىشى كەم سۆزلۈك بولار؛ يورۇتۇلغان ئادەم قالتىس ئېغىر-بېسىق بولار.

شۇنىڭ بىلەن نۇر قاراڭغۇلۇقتىن ئەۋزەل بولغاندەك، دانالىقنىڭ بىغەرەزلىكتىن ئەۋزەللىكىنى كۆرۈپ يەتتىم.

ــ سەن توغرۇلۇق خەۋىرىم بار، سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى، شۇنداقلا يورۇقلۇق، دانالىق ۋە ئالاھىدە ئەقىل-پاراسەت بار ئىكەن دەپ ئاڭلىدىم.