TSK

TSK · دانىيال 7:18

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شان-شەرەپتە روھلىنىپ شاد بولغاي، ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي!

«ئەزەلدىن بار بولغۇچى» كەلگەندە، ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بېكىتىلگەن ۋاقتى كېلىپ، [خۇدانىڭ] مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋالدى.

بىراق زىئون تېغى ئۈستىدە پاناھ-قۇتقۇزۇلۇش بولىدۇ، تاغ پاك-مۇقەددەس بولىدۇ؛ ياقۇپ جەمەتىنىڭ تەئەللۇقاتلىرى ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ؛

چۈنكى ئېلىشىدىغىنىمىز ئەت ۋە قان ئىگىلىرى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار، بۇ دۇنيادىكى قاراڭغۇلۇقنى باشقۇرغۇچى دۇنياۋى ئەمىرلەر، يەنى ئەرشلەردە تۇرۇۋاتقان رەزىل روھىي كۈچلەردۇر.

غەلىبە قىلغۇچىلارغا، يەنى ئەمەللىرىمنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتقان كىشىلەرگە بولسا، ئۇلارغا پۈتكۈل ئەللەرگە ھاكىم بولۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن.

ئۇلارنى خۇدايىمىز ئۈچۈن بىر پادىشاھلىققا ئۇيۇشتۇرۇپ، كاھىنلار قىلدىڭ. ئۇلار يەر يۈزىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ».