ئاندىن ھارۇن قوللىرىنى خەلققە قارىتىپ كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلىدى؛ ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، [قۇربانگاھتىن] چۈشتى.
TSK
TSK · قانۇن شەرھى 21:5
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمىتىدە تۇرۇپ ئۇنىڭ نامىدا بەخت-بەرىكەت تىلەشكە لاۋىي قەبىلىسىنى ئۆزىگە تاللاپ ئايرىدى. ۋە بۈگۈنگە قەدەر شۇنداق بولۇۋاتىدۇ.
سىلەر لاۋىي كاھىنلارنىڭ ۋە شۇ چاغدا بولىدىغان سوراقچى بەگنىڭ يېنىغا بارىسىلەر ۋە ئۇلاردىن ھۆكۈم سورايسىلەر؛ ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
دەۋالىشىپ قالغان ئىككى ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، شۇ كۈنلەردە بولىدىغان كاھىنلار ۋە سوراقچى بەگلەر ئالدىدا ھازىر بولسۇن؛
ھەرقايسى شەھەرلەردە تۇرىدىغان قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئەرز-دەۋاسى، مەيلى ئۇ خۇن دەۋاسى بولسۇن، قانۇن-ئەمر ۋە ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەر توغرىسىدىكى ئەرز-دەۋا بولسۇن، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۆز بېشىڭلارغا ۋە قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھامان ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، گۇناھكار بولمايسىلەر.