ئاندىن ئۇلار ياسىغان موزاينى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈپ، ئۇنى يانجىپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ، سۇ ئۈستىگە چېچىپ ئىسرائىللارنى ئىچىشكە مەجبۇرلىدى.
TSK
TSK · قانۇن شەرھى 9:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ قۇربانگاھلارنى چېقىپ، ئاشەراھ مەبۇدلىرى ۋە ئويما بۇتلارنى كوكۇم-تالقان قىلىۋەتتى، پۈتۈن ئىسرائىلدىكى خۇشبۇيگاھلارنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتتى.
يەشايا 30:22
TSK
شۇ چاغدا سىلەر ئويۇلغان مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن كۈمۈش ھەلگە، قۇيما مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن ئالتۇن ھەلگىمۇ داغ تەگكۈزىسىلەر؛ سىلەر ئۇلارنى ئادەت لاتىسىنى تاشلىغاندەك تاشلىۋېتىپ: ــ «نېرى تۇر» ــ دەيسىلەر.
ھوشىيا 8:11
TSK
ئەفرائىم «گۇناھ قۇربانلىق»لىرى ئۈچۈن قۇربانگاھلارنى كۆپەيتكىنى بىلەن، بۇلار گۇناھ قوزغايدىغان قۇربانگاھلار بولۇپ قالدى.