ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بۇ يەرگە يېقىن كەلمە؛ پۇتلىرىڭدىن كەشىڭنى سالغىن؛ چۈنكى سەن تۇرغان بۇ يەر مۇقەددەس جايدۇر.
TSK
TSK · مىسىردىن چىقىش 19:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ سەن يۈزۈمنى كۆرەلمەيسەن؛ چۈنكى ھېچ ئادەمزات مېنى كۆرسە تىرىك قالمايدۇ، دېدى.
سىلەر كوھات جەمەتىدىكىلەرنى لاۋىيلار ئارىسىدىن قەتئىي يوقىتىپ قويماڭلار؛
ئۇلار پەقەت مۇقەددەس جايغا كىرگەندە مۇقەددەس بۇيۇملارغا بىر دەقىقىمۇ قارىمىسۇن، ئۇنداق قىلىپ قويسا ئۆلۈپ كېتىدۇ.
خۇدانىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئاۋايلاپ يۈرگىن؛ ئەخمەقلەرچە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاڭلاپ بويسۇنۇش ئۈچۈن يېقىنلاشقىن؛ چۈنكى ئەخمەقلەر رەزىللىك قىلىۋاتقىنى بىلمەيدۇ.