ئەساۋ: ــ راست ئۇنىڭ ئېتى ياقۇپ ئەمەسمۇ؟! چۈنكى ئۇ ئىككى قېتىم مېنى پۇتلاپ، ئورنۇمنى تارتىۋالدى. ئاۋۋال تۇنجىلىق ھوقۇقۇمنى تارتىۋالدى ۋە مانا ھازىر ئۇ ماڭا تېگىدىغان بەخت-بەرىكەتنى ئېلىپ كەتتى، ــ دېدى، ئاندىن يەنە: ــ مېنىڭ ئۈچۈن بىرەر بەخت-بەرىكەت قالدۇرمىدىلىمۇ؟ ــ دېدى.
TSK
TSK · مىسىردىن چىقىش 21:2
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
لېكىن شۇ ۋەقە بولغان پەيتتە كۈن چىقىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆلتۈرگۈچى خۇن جازاسىغا تارتىلسۇن. ئوغرى ئوغرىلىغىنىنى تۆلەپ زىياننى تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك؛ ئۇنىڭدا بىر نېمە بولمىسا، قۇللۇققا سېتىلىپ، ئوغرىلىغان نەرسىنى تۆلىشى كېرەك.
ئەگەر قۇل يۇقىرىقى يوللار بىلەن ھۆرلۈككە چىقالمىسا، ئازادلىق يىلى كەلگەندە قويۇپ بېرىلسۇن ــ ئۇ بالىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئازاد بولىدۇ.
سېنىڭ قېرىندىشىڭ، مەيلى ئىبرانىي ئەر ياكى ئىبرانىي ئايال بولسۇن ساڭا سېتىلغان بولسا، ئۇ ئالتە يىل قۇللۇقۇڭدا بولىدۇ، ئاندىن يەتتىنچى يىلىدا سەن ئۇنى ئۆزۈڭدىن خالاس قىلىپ قويۇۋەت.
مۇسا ئۇلارغا مۇنداق بۇيرۇدى: ــ «ھەر يەتتە يىلنىڭ ئاخىرقى يىلىدا، يەنى ئازادلىق يىلى دەپ بېكىتىلگەن ۋاقىتتا، «كەپىلەر ھېيتى» باشلانغاندا،
ئۇ چاغدا خالايىق ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان يەھۇدالار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ قاتتىق داد-پەرياد كۆتۈرۈشتى.
پادىشاھ زەدەكىيا [قۇللىرىمىزغا] ئازادلىق جاكارلايلى دەپ يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ئەھدىنى كېسىپ تۈزگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى بۇ سۆز يەرەمىياغا كەلدى
[شۇ ئەھدە بويىچە] ھەربىرىڭلار يەتتىنچى يىلىدا سىلەرگە ئۆزىنى ساتقان ھەرقايسى قېرىندىشىڭلار بولغان ئىبرانىي كىشىلىرىنى قويۇۋېتىشىڭلار كېرەك؛ ئۇ قۇللۇقۇڭدا ئالتە يىل بولغاندىن كېيىن، سەن ئۇنى ئازادلىققا قويۇۋېتىشىڭ كېرەك، دېگەنىدىم. لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بۇنى ئاڭلىماي ھېچ قۇلاق سالمىغان.
چۈنكى سىلەر چوڭ بەدەل بىلەن سېتىۋېلىنغانسىلەر؛ شۇڭا تېنىڭلاردا خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار.