خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە سەپسېلىپ قارىدى، ۋە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى بولغانىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى.
TSK
TSK · يارىتىلىش 1:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
تىرىك قېلىش ئۈچۈن قۇشلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن، مال-چارۋىلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن ۋە يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن بىر جۈپى قېشىڭغا كىرىدۇ.
ئۆزۈڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق ئەت ئىگىلىرىدىن ھەربىر تۈردىكى جانىۋارلارنى، يەنى ئۇچار-قاناتلارنى ھەم مال-چارۋىلارنى، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ كېمىدىن ئېلىپ چىققىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەر يۈزىدە تارىلىپ-تارقىلىپ، نەسىللىنىپ زېمىندا كۆپەيسۇن، ــ دېدى.
ئەمدى سىلەر، جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىدە تارىلىپ-تارقىلىپ كۆپىيىڭلار».
دەريادا توپ-توپ پاقىلار پەيدا بولۇپ، [دەريادىن] چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ئورۇن-كۆرپەڭگە، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىۋالىدۇ، شۇنىڭدەك خەلقىڭنىڭ ئۇچىسىغا، تونۇر ۋە تەڭنىلىرىڭگە يامىشىپ چىقىۋالىدۇ.
ئەمدى ھايۋانلاردىنمۇ سوراپ باق، ئۇلار ساڭا ئۆگىتىدۇ، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ ساڭا دەيدۇ؛
ئى پەرۋەردىگار، ياسىغان ھەرخىل نەرسىلىرىڭ نەقەدەر كۆپتۇر! ھەممىسىنى ھېكمەت بىلەن ياراتقانسەن، يەر يۈزى ئىجات-بايلىقلىرىڭ بىلەن تولدى.
پەرۋەردىگارنى زېمىندىن مەدھىيىلەڭلار، دېڭىزدىكى بارلىق ئەجدىھالار، دېڭىزنىڭ بارلىق تەگلىرى؛
بىراق پەرۋەردىگار يۇنۇسنى يۇتۇۋېلىشقا يوغان بىر بېلىقنى ئەۋەتكەنىدى. يۇنۇس بولسا بۇ بېلىقنىڭ قارنىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز تۇردى.
چۈنكى يۇنۇس پەيغەمبەر يوغان بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز ياتقاندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا ئۈچ كېچە-كۈندۈز يەرنىڭ باغرىدا ياتىدۇ.