TSK

TSK · يارىتىلىش 7:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: ــ مانا، ئالدىمغا بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ زاۋاللىقى يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى پۈتكۈل يەر-جاھاننى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن زوراۋانلىق قاپلىدى. مانا، مەن ئۇلارنى يەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىمەن.

چۈنكى يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىمەن؛ ئۆزۈم ياسىغان ھەممە جانىۋارلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن».

شۇڭا لەنەت يەر يۈزىنى يۇتۇۋالىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلار «گۇناھى بار» دەپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا يەر يۈزىدىكىلەر يۇتۇۋېلىنىدۇ، ئىنسانلار ئاز قالىدۇ.

ــ «چۈنكى مېنىڭ خەلقىم ناداندۇر؛ ئۇلار مېنى ھېچ تونۇمىغان؛ ئۇلار ئەقلى يوق بالىلار، ئۇلار ھېچ يورۇتۇلمىغان؛ رەزىللىككە نىسبەتەن ئۇلار دانادۇر، ئەمما ياخشىلىققا نىسبەتەن ئۇلار بىلىمسىزدۇر».

مانا شۇ سەۋەبتىن زېمىن ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى جۈدەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار دالادىكى ھايۋانلار ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار بىلەن بىللە جۈدەپ كېتىدۇ؛ بەرھەق، دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يەپ كېتىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرگۈچى ئوت ماڭىدۇ، ئۇلارنىڭ كەينىدە بولسا بىر يالقۇن كۆيدۈرۈپ ئۆتىدۇ؛ كېلىشتىن بۇرۇن زېمىن «ئېرەن باغچىسى»دەك، بىراق ئۇلارنىڭ تاپىنى تەگكەندىن كېيىن گۈل-گىياھسىز چۆل-باياۋان بولىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلاردىن ھېچنېمە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

توپان تۇيۇقسىز كېلىپ ھەممىسىنى غەرق قىلغۇچە، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولۇپ تۇرغانغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

چۈنكى يارىتىلغان كائىنات [خۇدانىڭ] [لەنىتى ئاستىدا قېلىپ]، بىمەنىلىككە چۆكتۈرۈلدى. بۇ، كائىناتنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى چۆكتۈرگۈچىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولدى ۋە شۇنداق ئۈمىدى بىلەن بولدىكى، كائىنات ئۆزىمۇ چىرىشتىن بولغان قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇلۇپ، خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىگە بېغىشلىنىدىغان شان-شەرەپكە تەۋە بولغان ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈلۈشتىن ئىبارەت ئىدى.

شۇنداقلا قەدىمكى دۇنيادىكىلەرنىمۇ ئاياپ قويماي، خۇداسىزلىققا بېرىلگەن دۇنيانى توپان بىلەن غەرق قىلىپ، پەقەت ھەققانىيلىققا دەۋەت قىلغۇچى نۇھنى باشقا يەتتىسى بىلەن ساقلاپ قالغان يەردە ــ