ئۇ [يەرنىڭ] شىمالىي [قۇتۇپىنى] ئالەم بوشلۇقىغا سوزغان، ئۇ يەر [شارىنى] بوشلۇق ئىچىدە مۇئەللەق قىلغان؛
TSK
TSK · يەشايا 40:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆزى سوراق قىلغۇچىدۇر! سېلاھ.
ئۇنىڭ شاخلىرى سولىشىش بىلەن ئۈزۈلىدۇ؛ ئاياللار كېلىپ ئۇلارنى ئوتۇن قىلىپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. چۈنكى بۇ بىر يورۇتۇلمىغان خەلق؛ شۇڭا ئۇلارنى ياراتقۇچى ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ؛ ئۇلارنى شەكىللەندۈرگۈچى ئۇلارغا شەپقەت كۆرسەتمەيدۇ.
مۇشۇ ئىشلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛ شۇنداقلا ئۆزۈڭلارنى ھەقىقىي ئەركەكلەردەك كۆرسىتىڭلار؛ ئى، ئىتائەتسىزلەر، بۇنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار؛
ئاسمانلارنى كەرگەن، يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغان ياسىغۇچىڭ پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ يۈرىسەن، شۇنداقلا كۈن بويى ھالاكەت يۈرگۈزمەكچى بولغان زالىمنىڭ قەھرىدىن توختاۋسىز قورقۇپ يۈرىسەن؛ ئەمدى زالىمنىڭ قەھرى قېنى؟
شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھلىقنى قالدۇرمىغان ئەمەس. چۈنكى ئۇ ھەمىشە سىلەرگە شاپائەت كۆرسىتىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ئەرشتىن ياغدۇرۇپ مول ھوسۇل ئاتا قىلىپ، ئاش-تاماق بىلەن سىلەرنى تويغۇزۇپ، قەلبىڭلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈرۈپ كەلدى.
ئۇلار خۇدانى بىلىشتىن ۋاز كېچىشنى لايىق كۆرگەنلىكى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى بۇزۇق نىيەتلەرگە ۋە نالايىق ئىشلارنى قىلىشقا قويۇپ بەردى.