TSK

TSK · يەشايا 41:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئاھ، ئۇنى نەدىن تاپالايدىغانلىقىمنى بىلگەن بولسامئىدى، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئولتۇرىدىغان جايىغا بارار ئىدىم!

ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا؛ شۇندا مەن سەندىن سوراي، ئاندىن سەن مېنى خەۋەردار قىل!

ئەمدى كېلىڭلار، بىز مۇنازىرە قىلىشايلى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار قىپ-قىزىل بولسىمۇ، يەنىلا قاردەك ئاقىرىدۇ؛ ئۇلار قىزىل قۇرۇتتەك توق قىزىل بولسىمۇ، يۇڭدەك ئاپئاق بولىدۇ.  

ــ «ئى ئاراللار، سۈكۈت قىلىپ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىڭلار؛ خەلقلەرمۇ كۈچىنى يېڭىلىسۇن! ئۇلار يېقىن كەلسۇن، سۆز قىلسۇن؛ توغرا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا يېقىنلىشايلى!»

مەن بولسام پەرۋەردىگار، سىلەرگە مۇقەددەس بولغۇچى، ئىسرائىلنى ياراتقۇچى، سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇرمەن.

پەرۋەردىگارنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى ھازىر ئاڭلاڭلار: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، تاغلار ئالدىدا دەۋايىڭنى بايان قىل، ئېگىزلىكلەرگە ئاۋازىڭنى ئاڭلاتقىن».