TSK

TSK · يەشايا 66:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

بىراق سىلەر بولساڭلار، «پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى» دەپ ئاتىلىسىلەر؛ سىلەر توغراڭلاردا: «ئۇلار خۇدايىمىزنىڭ خىزمەتكارلىرى» دېيىلىدۇ؛ ئوزۇقلىرىڭلار ئەللەرنىڭ بايلىقلىرى بولىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ شان-شەرەپلىرىگە ئورتاق بولىسىلەر.  

ئەمدى كاھىنلىق تۈزۈمى ئۆزگەرتىلگەن بولسا، ئۇنىڭغا [مۇناسىۋەتلىك] قانۇن-تۈزۈممۇ ئۆزگەرتىلىشكە توغرا كېلىدۇ.

لېكىن سىلەر بولساڭلار [خۇدا] تاللىغان بىر جەمەت، شاھانە بىر كاھىنلىق، پاك-مۇقەددەس بىر ئەل، شۇنداقلا ئۆزىگە ئالاھىدە خاس بولغان بىر خەلقسىلەر؛ بۇنىڭ مەقسىتى، سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ تىلسىمات يورۇقلۇقىغا چاقىرغۇچىنىڭ پەزىلەتلىرىنى نامايان قىلىشىڭلاردىن ئىبارەت.   

ئۇلارنى خۇدايىمىز ئۈچۈن بىر پادىشاھلىققا ئۇيۇشتۇرۇپ، كاھىنلار قىلدىڭ. ئۇلار يەر يۈزىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ».