TSK

TSK · يەرەمىيا 6:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇ بىر مۇقەددەس پاناھگاھ بولىدۇ، ھەمدە ئىسرائىلدىكى ئىككى جەمەت ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش، يېرۇسالېمدىكىلەر ئۈچۈنمۇ قىلتاق ۋە تاپانتۇزاق بولىدۇ؛  

شۇڭا پەرۋەردىگار بىر كۈن ئىچىدە ئىسرائىلنىڭ بېشى ۋە قۇيرۇقىنى، پالما شېخى ۋە قومۇشىنى كېسىپ تاشلايدۇ؛

چۈنكى ئۆلۈم بولسا دېرىزىلىرىمىزدىن يامىشىپ كىرگەن، ئوردا-ئىستىھكاملىرىمىزغىمۇ كىرگەن؛ ئۇ بالىلارنى كوچىلاردىن، يىگىتلەرنى رەستە-مەيدانلاردىن يۇلۇپ تاشلىغان.

ئەگەر ئۇلار سەندىن: «بىز نەگە چىقىپ كېتىمىز؟» دېسە، سەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلۈمگە، قىلىچقا بېكىتىلگەنلەر قىلىچقا، قەھەتچىلىككە بېكىتىلگەنلەر قەھەتچىلىككە، سۈرگۈن بولۇشقا بېكىتىلگەنلەر سۈرگۈن بولۇشقا كېتىدۇ» ــ دەيسەن.   

شۇڭا بالىلىرىڭنى قەھەتچىلىككە تاپشۇرغايسەن، قىلىچنىڭ بىسىغا ئېلىپ بەرگەيسەن؛ ئاياللىرى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىنىپ تۇل قالسۇن؛ ئەرلىرى ۋابا-ئۆلۈم بىلەن يوقالسۇن، يىگىتلەر جەڭدە قىلىچلانسۇن.

ئاندىن كېيىن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى، خىزمەتكارلىرىنى، خەلقنى، يەنى بۇ شەھەردە ۋابادىن، قىلىچتىن ۋە قەھەتچىلىكتىن قېلىپ قالغانلار بولسا، مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا ۋە جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ نېبوقادنەسار ئۇلارنى قىلىچ تىغى بىلەن ئۇرىدۇ؛ ئۇ نە ئۇلارنى ئايىمايدۇ، نە ئۇلارغا ئىچىنى ھېچ ئاغرىتمايدۇ، نە رەھىم قىلمايدۇ.

ياكى بولمىسا بىر ھەققانىي ئادەم ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىك قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئالدىغا چوماق سالسام، ئۇ ئۆلىدۇ؛ چۈنكى سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىدىڭ، ئۇ ئۆز گۇناھىدا ئۆلىدۇ، ۋە ئۇ قىلغان ھەققانىي ئىشلار ئەسلەنمەيدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن.

ۋە ماڭا ئاڭلىتىپ باشقا كىشىلەرگە: ــ بۇ كىشىنىڭ كەينىدىن شەھەرنى كېزىپ، ئادەملەرنى قىرىڭلار؛ كۆزۈڭلار رەھىم قىلمىسۇن، ئۇلارغا ئىچىڭلارنى ئاغرىتماڭلار!

شۇنىڭدەك داۋۇت [پەيغەمبەرمۇ] مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قاپقان ۋە تۇزاق بولۇپ، ئۇلارنى پۇتلاشتۇرۇپ، قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرسۇن!