TSK

TSK · ئايۇپ 22:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ــ ئى، سەن ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى بىل، ساپ دىل ۋە پىداكارلىق بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغىن. چۈنكى پەرۋەردىگار جىمى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، بارلىق ئوي-نىيەتلىرىنى پەرق ئېتىدۇ. سەن ئۇنى ئىزدىسەڭ، ئۇ ئۆزىنى ساڭا تاپقۇزىدۇ؛ ئۇنىڭدىن تېنىپ كەتسەڭ، سېنى مەڭگۈ ئۈزۈپ تاشلايدۇ.

بولمىسا ئۇ مېنى باشپاناھلىق قىلىپ تۇتسۇن؛ ئۇ مەن بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەملىكتە بولسۇن، دەرھەقىقەت، ئۇ مەن بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەملىكتە بولسۇن!

ئەگەر ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلماقچى بولغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولدا بولغىنىڭدا ئۇنىڭ بىلەن تېزدىن يارىشىپ، دوست بولغىن. بولمىسا، ئۇ سېنى سوراقچىغا، سوراقچى بولسا گۇندىپايغا تاپشۇرىدۇ، سەن زىندانغا سولىتىۋېتىلىسەن.   

خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن سۆز-كالام، يەنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق (ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇدالارغا رەبدۇر) ئىناق-جاتىرجەملىك جاكارلانغان خۇش خەۋەر سىلەرگە مەلۇمغۇ؛

شۇڭا خۇددى خۇدا بىز ئارقىلىق [ئادەملەردىن ئىناقلىققا كېلىشنى] ئۆتۈنگىنىدەك، بىز مەسىھكە ۋاكالىتەن ئەلچىلەردۇرمىز؛ مەسىھنىڭ ئورنىدا «خۇداغا ئىناقلاشتۇرۇلغايسىلەر!» دەپ ئۆتۈنىمىز.

شۇ چاغدا ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان، خۇدا ئىگە بولغان خاتىرجەملىك قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى مەسىھ ئەيسادا قوغدايدۇ.