ھۆكۈم قىلغىنىڭلاردا ھېچ ناھەقلىق قىلماڭلار؛ نامراتقىمۇ يان باسماي، بايغىمۇ يۈز-خاتىرە قىلماي، بەلكى ئادىللىق بىلەن ئۆز قوشناڭ ئۈستىدىن توغرا ھۆكۈم قىلغىن.
TSK
TSK · ئايۇپ 32:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئادالەتنى بۇرمىلىساڭ بولمايدۇ؛ ئادەملەرگە يۈز-خاتىرە قىلساڭ بولمايدۇ؛ پارا ئالساڭ بولمايدۇ؛ پارا بولسا ئاقىلانىلەرنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىدۇ ھەم ئادىللارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلايدۇ.
يوئابنىڭ بۇنداق قىلىشى بۇ ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىدى. غوجامنىڭ دانالىقى خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭكىدەك ئىكەن، زېمىندا يۈز بېرىۋاتقان ھەممە ئىشلارنى بىلىدىكەن، ــ دېدى.
سىلەر يۈز-خاتىرە قىلىپ يوشۇرۇنچە خۇشامەت قىلساڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرنى ئەيىبلەيدۇ.
ئۇ نە ئەمىرلەرگە ھېچ يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، نە بايلارنى كەمبەغەللەردىن يۇقىرى كۆرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن ياراتقاندۇر.
بۇلارمۇ ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىدۇر: ــ سوت قىلغاندا بىر تەرەپكە يان بېسىش قەتئىي بولماس.
ــ شۇڭا مەن سىلەرنىمۇ پۈتۈن خەلق ئالدىدا نەپرەتلىك ۋە پەسكەش قىلدىم، چۈنكى سىلەر يوللىرىمنى تۇتمىغان، شۇنداقلا تەۋرات-قانۇنىنى ئىجرا قىلغاندا بىر تەرەپكە يان باسقان.
ئاڭلىغان خەلق: ــ بۇ ئادەمنىڭ ئاۋازى ئەمەس، بەلكى بىر ئىلاھنىڭ ئاۋازىدۇر! ــ دەپ ۋارقىراشتى.