TSK

TSK · يۇھاننا 1:5

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئى ساددىلار، قاچانغىچە مۇشۇنداق نادانلىققا بېرىلىسىلەر؟ مەسخىرە قىلغۇچىلار قاچانغىچە مەسخىرىلىكتىن ھۇزۇر ئالسۇن؟ ئەخمەقلەر قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلەنسۇن؟!

ئۇ دۇنيادا بولغان ۋە دۇنيا ئۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى.

نۇر ئاراڭلاردا بار ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار؛ بۇنىڭ بىلەن نۇرنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر، ــ دېدى. ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ يوشۇرۇنۇۋالدى.

ئەمما «جانغا تەۋە» كىشى خۇدانىڭ روھىنىڭ ئىشلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەخمىقانىلىكتۇر؛ ئۇ ئۇلارنى ھېچ چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار روھ بىلەن پەرق ئېتىلىپ باھالىنىشى كېرەكتۇر.