TSK

TSK · يۇھاننا 17:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

مەن ئۇلار ۋە ئۇلاردىن كېيىن بولغان بالىلىرىنى بارلىق كۈنلىرىدە مەندىن ئەيمىنىپ ياخشىلىق كۆرسۇن دەپ، ئۇلارغا بىر قەلب، بىر يولنى ئاتا قىلىمەن.

مەن ئۇلارنى ئىسرائىل تاغلىرىنىڭ ئۈستىدە بىر ئەل قىلىمەن؛ بىر پادىشاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە پادىشاھ بولىدۇ؛ ئۇلار قايتىدىن ئىككى ئەل بولمايدۇ، ياكى قايتىدىن ئىككى پادىشاھلىققا ھېچ بۆلۈنمەيدۇ.

پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدە پادىشاھ بولىدۇ؛ شۇ كۈنى پەقەت بىر «پەرۋەردىگار» بولىدۇ، [يەر يۈزىدە] بىردىنبىر ئۇنىڭلا نامى بولىدۇ.

خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى گۇناھقا بېكىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن دۇنياغا ئەۋەتتى.

بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ۋە ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ.  

بىراق قىلسام، ماڭا ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، ئەمەللەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاتىنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتىدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولىسىلەر.

ئاراڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بولسا، ھەممە ئادەم سىلەرنىڭ مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ.

مەڭگۈلۈك ھايات شۇكى، بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدا ــ سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتىن ئىبارەتتۇر.

مەن ئەمدى بۇ دۇنيادا تۇرىۋەرمەيمەن؛ لېكىن ئۇلار بۇ دۇنيادا قالدى ۋە مەن سېنىڭ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن. ئى مۇقەددەس ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ ئارقىلىق ئۇلارنى ساقلىغىنكى، بىز ئىككىمىز بىر بولغىنىمىزدەك، ئۇلارمۇ بىر بولغاي.

سەن ماڭا ئاتا قىلغان شان-شەرەپنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىمكى، بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولغاي؛

ئۇلار ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىسىغا بىر نىيەتتە جەم بولۇشاتتى، ئۆي-ئۆيلەردە خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئورتاق غىزالىنىشىپ، ناننى ئوشتۇپ يېيىشىپ،

بىزمۇ كۆپ بولغىنىمىز بىلەن مەسىھتە بىر تەن بولۇپ بىر-بىرىمىزگە باغلىنىشلىق ئەزا بولىمىز.

چۈنكى ئىنسانىي تەن بىر بولسىمۇ نۇرغۇن ئەزالىرى بولغىنىدەك، شۇنداقلا ئەزالىرى نۇرغۇن بولسىمۇ ئۆزئارا قوشۇلۇپ بىر تەن بولغاندەك، مەسىھ ئۆزىمۇ ھەم شۇنداقتۇر.

مەسىھدە نە يەھۇدىي بولمايدۇ نە گرېك بولمايدۇ، نە قۇل بولمايدۇ نە ھۆر بولمايدۇ، نە ئەر بولمايدۇ نە ئايال بولمايدۇ، ھەممىڭلار مەسىھ ئەيسادا بىر بولىسىلەر.   

پەقەت ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە لايىق تۇتۇڭلاركى، مەن يېنىڭلارغا بېرىپ سىلەر بىلەن دىدارلاشقاندىمۇ، سىلەردىن ئايرىلغاندىمۇ، ئىشلىرىڭلاردىن ئاڭلايدىغىنىم سىلەرنىڭ بىر روھ بىر جاندا بولۇپ چىڭ دەسسەپ تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئېتىقادنىڭ يولىدا كۈرەشكە ئىنتىلىۋاتقىنىڭلار،   

ئۇنىڭدا ھېچقانداق يۇنانلىق ياكى يەھۇدىي، سۈننەتلىك ياكى سۈننەتسىز، يات مەدىنىيەتلىك، سكىت، قۇل ياكى ھۆرلەر مەۋجۇت ئەمەستۇر؛ بەلكى مەسىھ ھەممىدۇر، ۋە ھەممىدىدۇر.  

چۈنكى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئۈچ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بار: ــ