TSK

TSK · يۇھاننا 3:28

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ــ مانا ئەمدى مەن ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن، ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا يول تەييارلايدۇ؛ سىلەر ئىزدىگەن رەب، يەنى سىلەر خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن ئەھدە ئەلچىسى ئۆز ئىبادەتخانىسىغا تۇيۇقسىز كىرىدۇ؛ مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.  

چۈنكى [چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا] بولسا ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر بېشارىتىدە كۆرسەتكەن كىشىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ: ــ «باياۋاندا توۋلايدىغان بىر كىشىنىڭ: رەبنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، ئۇنىڭ چىغىر يوللىرىنى تۈپتۈز قىلىڭلار! ــ دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ».  

يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا خاتىرىلەنگەندەك: ــ «مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ.  

ئەمدى سەن، ئى بالام، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئاتىلىسەن؛ چۈنكى سەن رەبنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىسەن.  

ئۇ ئېتىراپ قىلىپ، ھېچ ئىككىلەنمەي: ــ «مەن مەسىھ ئەمەسمەن» ــ دەپ ئېنىق ئېتىراپ قىلدى.