TSK

TSK · يۇھاننا 5:32

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، مانا نۇرلۇق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. مانا، بۇلۇتتىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

مۇقەددەس روھ كەپتەر سىياقىدا چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى. شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.  

لېكىن يەھيانىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ ئۇلۇغ بىر گۇۋاھلىق بار. ئۇ بولسىمۇ، ئاتا ماڭا ئادا قىلىشقا تاپشۇرغان ئەمەللەر، يەنى مەن قىلىۋاتقان ئەمەللەر، بۇلار مېنىڭ توغرامدا ئاتىنىڭ مېنى ئەۋەتكىنىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.   

ئاتا، نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىن!». شۇئان، ئاسماندىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ: ــ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈردۈم ۋە يەنە ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمەن!» ــ دېيىلدى.

ئۇ بولسا سۇ ۋە قان ئارقىلىق كەلگەن زات، يەنى ئەيسا مەسىھدۇر؛ ئۇنىڭ كېلىشى پەقەت سۇ بىلەنلا ئەمەس، بەلكى قان بىلەنمۇ ئىدى. ۋە بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولسا روھتۇر، چۈنكى روھ ئۆزى ھەقىقەتتۇر.