TSK

TSK · يۇھاننا 7:14

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ. پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەتتە كۈن ھېيت قىلىڭلار؛

ئۈچىنچى كۈنى بىر ياش تورپاقتىن ئون بىرنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›

مەن بارلىق ئەللەرنى تەۋرىتىمەن؛ نەتىجىدە ئەللەرنىڭ سەرخىل ئەتىۋار نەرسىلىرى ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن مۇشۇ ئۆينى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.

ئەمدى ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈپ،   

شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ھەركۈنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى. باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە يۇرت چوڭلىرى ئۇنى يوقىتىشقا ئامال ئىزدىدى.

بۇ چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ «كەپىلەر ھېيتى»غا ئاز قالغانىدى.

ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ كاتتا كۈنى، ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ كىمدەكىم ئۇسسىسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئىچسۇن!   

ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق بەردى: ــ مەن خەلق-ئالەم ئالدىدا ئاشكارا سۆز قىلغانمەن، بارلىق يەھۇدىيلار يىغىلىدىغان سىناگوگلاردا ۋە ئىبادەتخانىدا دائىم تەلىم بېرىپ كەلدىم، مەن يوشۇرۇن ھېچنېمە دېمىدىم.