پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: ــ سەن قاچانغىچە سائۇل ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈرىسەن؟ مەن ئۇنى ئىسرائىلغا سەلتەنەت قىلىشتىن مەھرۇم قىلىپ تاشلىغان ئەمەسمۇ؟ مۈڭگۈزۈڭنى زەيتۇن مېيى بىلەن تولدۇرۇپ بارغىن. مەن سېنى بەيت-لەھەملىك يەسسەنىڭ قېشىغا ئەۋەتىمەن. ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن پادىشاھ بولۇشقا ئۆزۈمگە بىرنى بېكىتتىم، دېدى.
TSK
TSK · يۇھاننا 7:42
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
سامۇئىل يەسسەدىن: ــ بارلىق يىگىتلەر مۇشۇلارمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ھەممىدىن كىچىكى قالدى. لېكىن مانا، ئۇ قوي بېقىۋاتىدۇ، دېدى. سامۇئىل يەسسەگە: ــ ئۇنى چاقىرتىپ ئېلىپ كەلگىن، چۈنكى ئۇ كەلمىگۈچە داستىخاندا ئولتۇرمايمىز، دېدى.
سائۇل ئۇنىڭدىن: ــ ئى يىگىت، كىمنىڭ ئوغلىسەن؟ دەپ سورىدى. داۋۇت: ــ مەن سىلىنىڭ قۇللىرى بەيت-لەھەملىك يەسسەنىڭ ئوغلىمەن، دەپ جاۋاب بەردى.
سېنىڭ ئەۋلادىڭنى مەڭگۈ داۋام قىلدۇرىمەن، تەختىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قۇرۇپ چىقىمەن». سېلاھ.
ۋە بىر تال نوتا يەسسەنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىدىن ئۈنۈپ چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ يىلتىزىدىن ئۈنۈپ چىققان بىر شاخ كۆپ مېۋە بېرىدۇ.
(سەن، ئى بەيت-لەھەم-ئەفراتاھ، يەھۇدادىكى مىڭلىغان [شەھەر-يېزىلار] ئارىسىدا ئىنتايىن كىچىك بولغان بولساڭمۇ، سەندىن مەن ئۈچۈن ئىسرائىلغا ھاكىم بولغۇچى چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ [ھۇزۇرۇمدىن] چىقىشلىرى قەدىمدىن، يەنى ئەزەلدىن بار ئىدى)
ئۇلار: «يەھۇدىيەدىكى بەيت-لەھەم يېزىسىدا بولۇشى كېرەك، ــ چۈنكى پەيغەمبەر ئارقىلىق شۇنداق پۈتۈلگەن: ــ
چۈنكى بۈگۈن داۋۇتنىڭ شەھىرىدە سىلەر ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى تۇغۇلدى. ئۇ ــ رەب مەسىھدۇر!