بىرسىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزلىرى بولۇشى كېرەك. بىرسىنى بىرلا گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ.
TSK
TSK · يۇھاننا 8:17
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئىككى ئادەمنى، يەنى بېلىيالنىڭ بالىسىنى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى نابوتنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇزۇپ: «سەن خۇداغا ۋە پادىشاھقا لەنەت ئوقۇدۇڭ» دەپ گۇۋاھلىق بەرگۈزۈڭلار. ئاندىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار».
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەرگە تەۋە مۇقەددەس قانۇندا «مەن ئېيتتىم، سىلەر ئىلاھلارسىلەر» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟
بۇ يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشىم بولىدۇ. «ھەر بىر ھۆكۈم ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئاغزىدا ئىسپاتلىنىشى كېرەك».
ئى تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشاشنى خالايدىغانلار، سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتنىڭ ئۆزىدە نېمە دېيىلگەنلىكىگە قۇلاق سالمامسىلەر؟
ئەگەر بىز ئىنسانلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلساق، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى بۇلارنىڭكىدىن ئۈستۈندۇر. خۇدا ئۆز ئوغلى توغرىسىدا شۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەن ــ