شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارغا زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق ئىشلىتىپ ئېغىر ئىشلارغا سالدى.
TSK
TSK · يۇھاننا 8:33
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
پەرۋەردىگار قاچانىكى ئۇلار ئۈچۈن باتۇر ھاكىملارنى تۇرغۇزسا، پەرۋەردىگار ھامان شۇ باتۇر ھاكىم بىلەن بىللە بولاتتى، باتۇر ھاكىمنىڭ ھايات كۈنلىرىدە ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ چىقاتتى؛ چۈنكى ئۇلارنى خارلاپ ئەزگەنلەر تۈپەيلىدىن كۆتۈرۈلگەن ئاھ-زارلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئىچىنى ئاغرىتاتتى.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد كۆتۈردى، چۈنكى يابىننىڭ توققۇز يۈز تۆمۈر جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، ئىسرائىللارغا يىگىرمە يىلدىن بۇيان تولىمۇ زۇلۇم قىلىپ كەلگەنىدى.
ۋە يەنە بەزىلەر: ــ پادىشاھنىڭ ئېتىزلىرىمىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىمىز ئۈستىگە سالغان باج-سېلىقنى تاپشۇرۇشقا پۇل قەرز ئالدۇق.
مانا، بىز بۈگۈن قۇللارمىز! سەن مېۋىسى بىلەن نازۇ-نېمەتلىرىدىن يېيىشكە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىندا تۇرساقمۇ، بىز مانا ئۇنىڭدا قۇل بولۇپ قالدۇق!
«ئەي ئاتا ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارۇسنى ئەۋەتكەيسەن، ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچىنى سۇغا چىلاپ، تىلىمغا تېمىتىپ سوۋۇتقاي. چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىدا قاتتىق ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپ يالۋۇردى.
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىزنىڭ ئاتىمىز ئىبراھىمدۇر، ــ دېدى. ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئەگەر ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى بولساڭلار، ئىبراھىمنىڭ ئەمەللىرىنى قىلغان بولاتتىڭلار!