TSK

TSK · باتۇر ھاكىملار 1:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

بىنيامىنلار قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تارتىلدى؛ ئۇلار چەك ئارقىلىق ئېرىشكەن زېمىن يەھۇدالار بىلەن يۈسۈپلەرنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدىكى يۇرت بولدى.

يەھۇدالار يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ئىشغال قىلدى؛ ئۇلار ئۇ يەردە ئولتۇرغۇچىلارنى قىلىچلاپ قىرىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى.

لېكىن ئۇ كىشى ئەمدى يەنە بىر كېچە قونۇشقا ئۇنىماي، قوپۇپ يولغا چىقىپ يەبۇسنىڭ، يەنى يېرۇسالېمنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىككى توقۇقلۇق ئېشەك ۋە كېنىزىكى بار ئىدى.

پادىشاھ ئۆز ئادەملىرى بىلەن يېرۇسالېمغا چىقىپ، شۇ زېمىندا تۇرغان يەبۇسىيلار بىلەن جەڭ قىلغىلى باردى. ئۇلار داۋۇتقا: سەن بۇ يەرگە كىرەلمەيسەن، بەلكى ھەتتا كورلار بىلەن ئاقساقلار سېنى چېكىندۈرىدۇ! ــ دېدى. چۈنكى ئۇلار: «داۋۇت بۇ يەرگە قەتئىي كىرەلمەيدۇ»، دەپ ئويلايتتى.

يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى نەسەبنامىلەردە خاتىرىلەنگەن جەمەت بېشى ئىدى؛ بۇلار ھەممىسى مۆتىۋەرلەر بولۇپ، يېرۇسالېمغا ماكانلاشقانىدى.

ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، [شۇ] يەردىكى قوۋملارنى يوقاتمىدى؛