TSK

TSK · باتۇر ھاكىملار 21:5

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا ئۆز مېلىدىن، ئادەم بولسۇن، ھايۋان بولسۇن ياكى مىراس يېرى بولسۇن، پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتىغان بولسا، ئۇنداق نەرسە ھەرگىز سېتىلمىسۇن ياكى بەدەل تۆلەش بىلەنمۇ قايتۇرۇلمىسۇن. پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتالغان ھەرنەرسە بولسا «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭغا خاس بولىدۇ.

ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى مىزپاھدا قەسەم قىلىشىپ: ــ بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ھېچكىم ئۆز قىزىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرمىسۇن، ــ دېيىشكەنىدى.

ئۇ بىر جۈپ ئۇينى چېپىپ پارچىلاپ، پارچىلىرىنى ئەلچىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىغا تارقىتىپ: ــ ھەر كىم كېلىپ سائۇل بىلەن سامۇئىلغا ئەگەشمىسە، ئۇلارنىڭ ئۇيلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىلىنىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچى خەلقنىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئادەمدەك جەڭگە چىقتى.

(پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالسۇن! قىلىچىنى قان تۆكۈشتىن قالدۇرغان كىشى لەنەتكە قالسۇن!).