TSK

TSK · باتۇر ھاكىملار 4:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شۇنىڭ بىلەن ئەھۇد سول قولىنى ئۇزىتىپ ئوڭ يوتىسىدىن شەمشەرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقتى.

ئۇ سول قولىنى چېدىر قوزۇقىغا، ئوڭ قولىنى تۆمۈرچىنىڭ بولقىسىغا ئۇزاتتى؛ سىسېرانى ئۇرۇپ، باش سۆڭۈكىنى چېقىپ، چېكىسىدىن يانجىپ ئۆتكۈزۈۋەتتى.

فىلىستىي داۋۇتقا: ــ سەن ھاسا كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كەپسەن؟ سەن مېنى ئىت دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ ــ دەپ ئۆز بۇتلىرىنىڭ ناملىرىنى تىلغا ئېلىپ داۋۇتنى قارغىدى.

ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇر! مېنى قۇتقۇز، ئى خۇدايىم! مېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىمنىڭ تەستىكىگە سالغايسەن؛ رەزىللەرنىڭ چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن!

بەلكى خۇدا دانالارنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئەخمەق سانالغانلارنى تاللىۋالدى؛ كۈچلۈكلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئاجىز سانالغانلارنى تاللىۋالدى؛