TSK

TSK · لاۋىيلار 3:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇ قولىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن قۇربانلىق ئۇنىڭ ئورنىغا كافارەت بولۇشقا قوبۇل قىلىنىدۇ.

قۇربانلىق قىلىدىغان بۇ ھايۋاننىڭ بېشىغا قولىنى قويۇپ، ئاندىن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن.

ھەممىمىز خۇددى قويلاردەك يولدىن ئېزىپ، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز خالىغان يولغا ماڭغانىدۇق؛ بىراق پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يىغىپ يۈكلىدى.

چۈنكى بىز پەقەت ئامالسىز قالغىنىمىزدا، مەسىھ بىز ئىخلاسسىزلار ئۈچۈن [خۇدا] بېكىتكەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى.  

گۇناھقا ھېچ تونۇش بولمىغان كىشىنى خۇدا بىزنى دەپ گۇناھنىڭ ئۆزى قىلدى؛ مەقسىتى شۇكى، بىزنىڭ ئۇنىڭدا خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى بولۇشىمىز ئۈچۈندۇر.  

سىلەر خۇدائاتىنىڭ ئالدىن بىلگىنى بويىچە تاللىنىپ، روھ تەرىپىدىن پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىتائىتىدە بولۇشۇڭلار ۋە قېنىنىڭ ئۈستۈڭلارغا سېپىلىشى ئۈچۈندۇر. مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەسسىلەپ ئاتا قىلىنغاي!  

چۈنكى مەسىھ بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ھەققانىي ئەمەسلەرنى دەپ، بىرلا قېتىملىق ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى؛ گەرچە ئۇ تەن جەھەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن روھتا جانلاندۇرۇلدى؛