ئەمما ئاشلىق ھەدىيەدىن قالغىنى بولسا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق سۇنۇلغانلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.
TSK
TSK · لاۋىيلار 5:13
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلىنغان ھايۋاننىڭ مېيىنى كۆيدۈرگەندەك، ئۇنىڭ بارلىق مېيىنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنى گۇناھىدىن پاكلاندۇرۇش ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.
ئاندىن ئۆزى سادىر قىلغان گۇناھىنىڭ كافارىتى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا «ئىتائەتسىزلىكنى تىلىگۈچى قۇربانلىق» سۈپىتىدە ئۇششاق مالدىن ساغلىق ۋە يا بىر چىشى ئۆچكىنى گۇناھ قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ ئاندىن كاھىن ئۇنى گۇناھىدىن پاكلاندۇرۇشقا ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسۇن.
كاھىنلاردىن بولغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى يېسۇن؛ ئۇ مۇقەددەس يەردە يېيىلسۇن؛ ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.
ئۇلار خەلقىمنىڭ گۇناھىنى يەيدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ جېنى [خەلقىمنىڭ] قەبىھلىكىگە ئىنتىزار بولىدۇ.