TSK

TSK · ماركۇس 1:22

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ــ مېنىڭ سۆزۈم خۇددى كۆيدۈرگۈچى بىر ئوت ۋە تاشنى چاقىدىغان بازغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

ئۆز يۇرتىغا كەتتى ۋە ئۆز يۇرتىدىكى سىناگوگتا خەلققە تەلىم بېرىشكە كىرىشتى. بۇنى ئاڭلىغان خالايىق ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: ــ بۇ ئادەمنىڭ بۇنچىۋالا دانالىقى ۋە مۆجىزە-كارامەتلىرى نەدىن كەلگەندۇ؟

چۈنكى مەن سىلەرگە بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار رەددىيە ۋە رەت قىلالمىغۇدەك پاساھەتلىك تىل ۋە دانىشمەنلىك ئاتا قىلىمەن.

ئەمدىلىكتە شەرمەندىلىككە ئائىت يوشۇرۇن ئىشلارنى تاشلاپ، نە ئالدامچىلىقتا ماڭماي، نە خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىماي، بەلكى ھەقىقەتنى ئەينەن ئايان قىلىش بىلەن خۇدا ئالدىدا دۇرۇسلۇقىمىزنى ھەر ئادەمنىڭ ۋىجدانىغا كۆرسىتىمىز.