پەرۋەردىگارغا مۇمكىن بولمايدىغان تىلسىمات ئىش بارمۇ؟ بېكىتكەن ۋاقىتتا، يەنى كېلەر يىلى دەل بۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن ۋە ئۇ ۋاقىتتا ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ، ــ دېدى.
TSK
TSK · ماركۇس 1:40
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇنىڭ بىلەن بۇلۇت جامائەت چېدىرى ئۈستىدىن كەتتى، ۋە مانا، مەريەم خۇددى ئاپئاق قاردەك پېسە-ماخاۋ بولۇپ كەتتى؛ ھارۇن بۇرۇلۇپ مەريەمگە قارىۋىدى، مانا، ئۇ پېسە-ماخاۋ بولۇپ قالغانىدى.
[ئۇنىڭ قېنىنى ئاققۇزۇش] گۇناھى يوئابنىڭ بېشىغا ۋە ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىغا قاينام بولۇپ چۈشسۇن؛ يوئابنىڭ ئائىلىسىدىن ئاقما يارا كېسىلى، ياكى ماخاۋ كېسىلى، ياكى ھاسىغا تايانغۇچى، قىلىچتىن ئۆلگۈچى ياكى ئاش-تۈلۈكسىزلەر ئۆكسۈمىسۇن! ــ دېدى.
ئەمدى دەرۋازىنىڭ تۈۋىدە تۆت ماخاۋ كېسىلى بار ئادەم ئولتۇراتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە: نېمە ئۈچۈن مۇشۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىمىز؟
(چۈنكى بايا سۇلايمان مىستىن ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز كېلىدىغان بىر پەشتاق ياسىتىپ، تاشقىرىقى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشتۇرغانىدى. ئۇ ئەنە شۇ پەشتاق ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئاسمانغا قاراپ غۇلىچىنى يايغانىدى)
كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» ــ دەپ ئېيتىڭلار.
جىن ئۇنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئوتقا ۋە سۇغا تاشلىدى. ئەمدى بىر ئامال قىلالىساڭ، بىزگە ئىچ ئاغرىتىپ شاپائەت قىلغايسەن! ــ دېدى.
شۇنداق بولدىكى، ئۇ شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرىدە بولغاندا، مانا شۇ يەردە، پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ بېسىپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۇنىڭدىن: ــ تەقسىر، ئەگەر سەن خالىساڭ، مېنى ساقايتىپ پاك قىلالايسەن! ــ دەپ يالۋۇردى.
ئاندىن، ئۇلاردىن بىر تاش ئېتىمىچە نېرىراق بېرىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ:
مەن شۇ سەۋەبتىن تىزلىرىمنى ئاتىغا پۈكىمەنكى،