TSK

TSK · ماركۇس 10:1

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شۇنىڭدەك، ھېكمەت توپلىغۇچى دانا بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە خەلققە بىلىم ئۆگىتەتتى؛ ئۇ ئويلىنىپ، كۆپ پەند-نەسىھەتلەرنى تارازىغا سېلىپ، رەتلەپ چىقتى.

ۋە ئەيسا گالىلىيەنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلايتتى، خەلق ئارىسىدا ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ئاجىز-مېيىپلارنى ساقايتتى.

ئۇ يەنە دېڭىز بويىغا قاراپ ماڭدى. كىشىلەر توپى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالدى. ئۇ ئۇلارغا تەلىم بەردى.

ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىمان-ئىشەنچسىزلىكىدىن ھەيران قالدى.

ئاندىن ئۇ يەنە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا، يەنى يەھيا [پەيغەمبەر] دەسلىپىدە ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرگەن جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى.

ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق بەردى: ــ مەن خەلق-ئالەم ئالدىدا ئاشكارا سۆز قىلغانمەن، بارلىق يەھۇدىيلار يىغىلىدىغان سىناگوگلاردا ۋە ئىبادەتخانىدا دائىم تەلىم بېرىپ كەلدىم، مەن يوشۇرۇن ھېچنېمە دېمىدىم.