TSK

TSK · ماركۇس 11:33

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئەخمەقنىڭ ئەخمىقانە گېپى بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگىن، جاۋاب بەرسەڭ ئۆزۈڭ ئۇنىڭغا ئوخشاپ قېلىشىڭ مۇمكىن.

ۋە ئۇ: «بارغىن؛ مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر.

مېنىڭ قۇلۇمدىن باشقا يەنە كىم قارىغۇ؟ مېنىڭ ئەۋەتكەن «ئەلچىم»دىن باشقا يەنە كىم گاس؟ كىم مەن بىلەن ئەھدىلەشكەندەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىدەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟

ھەتتا ئاسماندىكى لەيلەكمۇ ئۆزىگە بېكىتىلگەن ۋاقتىلىرىنى بىلىدۇ؛ پاختەك، قارلىغاچ ۋە تۇرنىلارمۇ كۆچۈپ كېلىدىغان ۋاقتىلىرىنى ئېسىدە تۇتىدۇ؛ لېكىم مېنىڭ خەلقىم مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا بېكىتكەنلىرىمنى ھېچ بىلمەيدۇ.

چۈنكى كاھىننىڭ لەۋلىرى ئىلىم-بىلىمنى ساقلىشى كېرەك، خەقلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن تەۋرات-قانۇنىنى ئىزدىشى لازىم؛ چۈنكى ئۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسىدۇر.

رەزىل ھەم زىناخور بۇ دەۋر «مۆجىزىلىك بىر ئالامەت»نىڭ كۆرىستىلىشىنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇ [دەۋردىكىلەرگە] «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»دىن باشقا ھېچقانداق مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئۇلارنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى.  

ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارىغۇ يولباشچىلار! سىلەر: «ھەرقانداق كىشى ئىبادەتخانا بىلەن قەسەم قىلسا، ھېچنېمىسى يوق، بىراق ئىبادەتخانىدىكى ئالتۇننى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىدە تۇرۇشقا قەرزدار بولىدۇ» دەيسىلەر.

ۋە ئۇلار: ــ [ئۇنىڭ] [ھوقۇقىنىڭ] قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «سەن ئىسرائىلنىڭ ئۆلىماسى تۇرۇپ، بۇنىمۇ بىلمەمسەن؟

چۈنكى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن ھەقىقەتنى باسىدىغان ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىپلاسلىقىغا ۋە ھەققانىيەتسىزلىكىگە نىسبەتەن خۇدانىڭ قاراتقان غەزىپى ئەرشتىن ئوچۇق ۋەھىي قىلىنماقتا.

ئەمما بۈگۈنگە قەدەر، مۇسانىڭ يازمىلىرى ئوقۇلغىنىدا شۇ چۈمپەردە يەنىلا قەلبىنى يېپىۋالماقتا.

ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرىدىغان ھەرخىل قەبىھ ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاكەت ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۆزلىرىنى نىجاتقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى سۆيمەي، ئۇنىڭغا قەلبىدىن ئورۇن بەرمەسلىكىدىندۇر.