TSK

TSK · ماركۇس 12:36

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

پەرۋەردىگارنىڭ روھى مەن ئارقىلىق سۆز قىلدى، ئۇنىڭ سۆزلىرى تىلىمدىدۇر.

داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن» ــ دېدى.

ــ قېرىنداشلار، ئەيسانى تۇتقانلارغا يول باشلىغۇچى بولغان يەھۇدا ھەققىدە مۇقەددەس روھنىڭ بۇرۇن داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئېشىشى مۇقەررەر ئىدى.   

ئۇلار پاۋلۇسنىڭ مۇنداق بىر سۆزنى قىلىشى بىلەن ئۆزئارا كېلىشەلمەي قايتىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ــ مۇقەددەس روھ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا مۇنۇ سۆزنى دەل جايىدا ئېيتقان:

پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ تەلىم بېرىش، تەنبىھ بېرىش، خاتالىقلارنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيەت يولىغا باشلاشقا پايدىلىقتۇر.   

شۇڭا، [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇقەددەس روھنىڭ دېگىنىدەك، بۈگۈن، ئەگەر سىلەر [خۇدانىڭ] ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار،

بىراق، بۇ [كاھىن] بولسا گۇناھلار ئۈچۈن بىرلا قېتىملىق مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بىر قۇربانلىقنى سۇنغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى؛   

چۈنكى ھېچقانداق ۋەھىي-بېشارەت ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلگەن ئەمەس، ئۇ بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس ئادەملىرى مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن يېتەكلىنىپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئېيتقان سۆز-كالامدۇر.