TSK

TSK · ماركۇس 12:9

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

سىلەر بۇ ئىشلار ئارقىلىق ئىبرەت-تەربىيە ئالماي، بەلكى يەنىلا ماڭا قارشى ماڭساڭلار،

مەن ئاسمان-زېمىننى ئۈستۈڭلارغا گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىمەن، سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئىگىلەيدىغان شۇ زېمىندىن تېزلا پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر؛ سىلەرنىڭ ئۇنىڭدا ياشىغان كۈنلىرىڭلار ئۇزۇن بولمايدۇ، سىلەر بەلكى ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر.

لېكىن سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەرگە ئەمر قىلىپ توختاتقان ئەھدىسىنى بۇزغاندا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ۋەدە قىلغان ھەممە بەرىكەت ئۈستۈڭلەرگە چۈشۈرۈلگەندەك، شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى ئۆزى سىلەرگە بەرگەن زېمىندىن يوقاتقۇچە بارلىق ئاگاھ قىلغان ئىشنى چۈشۈرىدۇ؛ سىلەر بېرىپ، [ئۇنىڭ ئەھدىسىنى بۇزۇپ] باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ باش ئۇرساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە تۇتىشىپ، سىلەرنى ئۆزى سىلەرگە بەرگەن ياخشى زېمىندىن تېزلا يوق قىلىدۇ».

ئەمدى ھازىر ئۆز ئۈزۈمزارىمنى نېمە قىلىدىغىنىمنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي: ــ ئۇنىڭ چىتلاقلىرىنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇ يۇتۇۋېتىلىدۇ؛ ئۇنىڭ تاملىرىنى چېقىپ غۇلىتىمەن، ئۇ چەيلىنىدۇ.  

تاكى روھ بىزگە يۇقىرىدىن تۆكۈلگۈچە، دالالار مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار بولغۇچە، مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار ئورمانزار دەپ ھېسابلانغۇچە شۇ پېتى بولىدۇ.  

مەن تاغلىرىڭلاردا ۋە ئېتىزلىرىڭلاردا، ھەم بايلىقلىرىڭنى ھەم خەزىنىلىرىڭنى، ــ سېنىڭ «يۇقىرى جايلار»ىڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ــ بۇ چېتىڭدىن ئۇ چېتىڭگىچە بولغان گۇناھىڭ تۈپەيلىدىن ئولجا بولۇشقا تاپشۇرىمەن؛   

ئويغان، ئى قىلىچ، مېنىڭ پادىچىمغا، يەنى مېنىڭ شېرىكىم بولغان ئادەمگە قارشى چىق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ ــ پادىچىنى ئۇرۇۋەت، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ؛ مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن.   

ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال قىلىپ يۈرمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى ئاپىرىدە قىلالايدۇ.  

بېرىپ ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە جىننى باشلاپ كېلىدۇ؛ ئۇلار كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ. بۇ رەزىل دەۋردىكىلەرنىڭ ھالىمۇ مانا شۇنداق بولىدۇ.  

شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەردىن تارتىۋېلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان باشقا بىر ئەلگە ئاتا قىلىنىدۇ.

شۇڭا مانا، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر، دانىشمەنلەر ۋە ئالىملارنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى كرېستلەپ ئۆلتۈرىسىلەر، بەزىلىرىنى سىناگوگلىرىڭلاردا دەررىگە باسىسىلەر، شەھەردىن شەھەرگە قوغلايسىلەر.   

ئەمدى ئۇ شەھەرگە يېقىنلىشىپ ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلاپ مۇنداق دېدى:

ئەمدى پاۋلۇس بىلەن بارناباس تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئالدى بىلەن سىلەر [يەھۇدىي خەلقىگە] يەتكۈزۈش كېرەك ئىدى. لېكىن سىلەر ئۇنى چەتكە قېقىپ ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا لايىق كۆرمىگەندىن كېيىن، مانا بىز [سىلەردىن] بۇرۇلۇپ ئەللەرگە يۈزلىنىمىز!   

ئۇنداقتا، بۇلارغا نېمە دېيىشىمىز كېرەك؟ ھەققانىيلىققا ئىنتىلمىگەن ئەللىكلەر ھەققانىيلىققا، يەنى ئېتىقادقا ئاساسلانغان بىرخىل ھەققانىيلىققا ئېرىشتى.