TSK

TSK · ماركۇس 14:35

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

سىلەر پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈرۈپ بارلىق ئۆتكۈزگەن گۇناھىڭلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، يەنە ئاۋۋالقىدەك پەرۋەردىگار ئالدىدا يىقىلىپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز دۈم ياتتىم (مەن ھېچ نەرسە يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم)

ئوت چۈشكەنلىكىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينىڭ ئۈستىدە توختىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى تاش ياتقۇزۇلغان مەيداندا يۈكۈنۈپ باش ئۇرۇپ: «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈگىچە تۇرىدۇ!» دەپ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇشتى.

ئۇ ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىلەر، تېخىچە دەم ئېلىۋاتامسىلەر؟ ئەمدى بولدى بەس! ۋاقىت-سائىتى كەلدى؛ مانا، ئىنسانئوغلى گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى!

يىگىرمە تۆت ئاقساقال تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىغا باش قويۇپ سەجدە قىلاتتى، تاجلىرىنى تەختنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇپ، مۇنداق دېيىشەتتى: ــ