TSK

TSK · ماركۇس 14:45

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ــ ئوغۇل ئاتىسىنى، قۇل ئىگىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئەمدى مەن ئاتا بولسام، ھۆرمىتىم قېنى؟ ئىگە بولسام، مەندىن بولغان ئەيمىنىش قېنى؟ ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنداق دەيدۇ، ئى مېنىڭ نامىمنى كەمسىتكەن كاھىنلار! بىراق سىلەر: «بىز نېمە قىلىپ نامىڭنى كەمسىتىپتۇق؟» ــ دەيسىلەر.

ئۇلار كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سىلىنى سەمىمىي ئادەم، ئادەملەرگە قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، ھېچكىمگە يان باسمايدۇ، بەلكى كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ بىلىمىز. [سىلىچە]، [رىم ئىمپېراتورى] قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟

سىلەر مېنى «ئۇستاز» ۋە «رەب» دەيسىلەر ۋە راست ئېيتىسىلەر، مەن شۇنداقتۇرمەن.